لايىقىنىڭ سابىق قىز دوستىدىن «ئازار» يېگەن ئايال چولپانلار
    يوللانغان ۋاقتى:2017-02-02 02:45 مەنبەسى: nur.cn

    «بۈگۈنكى خەۋەلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمسىى:

    لى چېن بىلەن جاڭ شىنيۈنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بەختلىك ئايال جاڭ شىنيۈ ئوغۇل دوستى لى چېن سوۋغا قىلغان يۈرەك شەكىللىك تاشنى ئاشكارىلاپ، مۇھەببتىنىڭ قاشتېشىدەك سۈزۈك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. بىراق ئويلمىغان يەردىن، لى چېننىڭ يەنە بىر سابىق قىز دوستىمۇ ئاشۇنىڭغا ئوپمۇ-ئوخشايدىغان تاشنى ئاشكارىلاپ: «سەن تاشنى توپ تارقىتىدىغان سودىگەرمۇ» دېگەن.

    Angelababy بىلەن خۇاڭ شياۋمىڭنىڭ مۇھەببەتلەشكەندىكى خەۋىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆسەك سۆزدىكى قىز دوستى لى فېيئېر شياڭگاڭدا مەلۇم بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا، مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن «سىز Angelababy بىلەن خۇاڭ شياۋمىڭ ئارىسىدىكى 3-شەخسمۇ»؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن: «Angelababyنى 3-شەخس دېسەك بولىدۇ» دېگەن. 

    2013-يىلى ۋاڭ فېڭ مىكرو بىلوگىدا ئاجراشقانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا تورداشلار ئۇنىڭ جاڭ زىيى بىلەن ماجياڭ ئوينىغاندىكى سۈرىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىككەيلەننى مۇھەببەتلىشۋاتقانمۇ قانداق، دەپ گۇمانلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاڭ فېڭنىڭ سابىق ئايالى ئاتايىن مىكرو بىلوگ ئاچقۇزۇپ، ۋاڭ فېڭ بىلەن بولغان ئازابلىق نىكاھ تۇرمۇشىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلغان ھەمدە جاڭ زىينى ۋاڭ فېڭ بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولغان ئاياللارنىڭ بىرى، دېگەن.

     جوۋ شۈن كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان بىر پارچە سۈرەت ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى جاكارلىدى. بىراق گاۋ شېڭيۈەننىڭ سابىق قىز دوستىغا ئوخشايدىغان بىر ئايال مىكرو بىلوگىدا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلاپ: «جوۋ شۈننى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، مېنى ئاۋارە قىلىپ نېمە قىلماقچى؟» دېگەن.

    Angelababy ئىلگىرى سابىق ئوغۇل دوستى چېن ۋېيتىڭ بىلەن قىز دوستى سەي جويەننى ئوچۇق-ئاشكارە «ئېچىتقان». ئىگەللىنىشچە، سەي جويەن بىلەن چېن ۋېيتىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، Angelababy چېن ۋېيتىڭ بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىغان يەنە تېخى سەي جويەنگە كۈندە تېلېفون قىلىپ، ئۇنى ئاۋارە قىلغان.

    جۇاڭ سىمين بىلەن ۋۇ خاۋكاڭنىڭ قول تۇتۇشۇپ چۈشكەندىكى سۈرىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق پائالىيەتتە، ئۇ ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتى سابىق ئوغۇل دوستىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنىڭ ھەر قايسى تاراتقۇلار ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارە ھاقارەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.




كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ