ئانۇشكا شېتتى بىلەن پراباس يېڭى فىلىمدا ھەمكارلىشىدۇ
    يوللانغان ۋاقتى:2017-07-08 12:40 مەنبەسى: تور دۇنياسى

    ئانۇشكا شېتتى «باخۇبالى» (Baahubali ) نىڭ شۆھرىتى بىلەن ئالدىنقى قېتىم ئاجەي دېۋىگاننىڭ فىلىمى «ئارسلان» (Singham) دا رول ئېلىپ بوللىۋودتىكى تۇنجى قەدىمىنى باشلىغانىدى،

    ئۇ ھىندى تىلىدا قويۇلغان باخۇبالىغا تايىنىپ نۇرغۇن ھىندى تىلىدىكى مەستانىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانىدى، مانا ئەمدى ئۇ پراباس بىلەن يەنە بىر ھىندى تىلىدىكى فىلىم «Saaho» دا رول ئالىدىغان بولدى.

    20170707224244323.jpg

    بۇ ھىندى تىلىدىكى فىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئانۇشكا بىلەن پراباس ھىندى تىلىنى باشتىن ئۆگىنىشكە كىرىشتى، پراباس باشتا بۇ يېڭى فىلىمى ئۈچۈن ئايال چولپان ئىزدىگەن، ئۇ ئاخىرى بۇ فىلىمدىكى ئايال باش رولنى «باخۇبالى» دا ھەمكارلاشقان چولپان ئانۇشكا شېتتىغا بېرىشنى توغرا تاپتى.

    ئەگەر مەستانىلەر «باخۇبالى» دا ھەمكارلاشقان بۇ بىر جۈپلەرنى قايتا ئېكراندا كۆرسە چوقۇم ھەيران قېلىشىدۇ، «Saaho» فىلىمىدە ئانۇشكا شېتتى بىلەن پراباس مودا ئوبرازنى يارىتىدۇ، «باخۇبالى» بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.

    ئارتىسلار بۇ فىلىمدە تەلەپ بويىچە ئورۇقلاپ ئەڭ مودا كىيىملەرنى كىيىدۇ. مەسىلەن: خرۇم ئىشتان ھەم پادىچىلار ئىشتىنى ھەمدە ساھىل كىيىملىرى دېگەندەك...

    بۇ فىلىمدە ئۇلار «باخۇبالى» دىكىدەك قورال-جابدۇقلار ھەم كىيىم-كېچەكلەرنى كىيمەيدۇ بەلكى كىرىزىسقا پاتقان ياشلار ئوبرازدىنى يارىتىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي «باخۇبالى» نىڭ ئەكسىچە بولۇپ، مەدەنىيەت زەربىسى دېگەن ئۇقۇمغا قايتىدىن تەبىر بېرىدۇ.

    ئانۇشكا شېتتى بىلەن پراباس ياخشى دوستلاردىن بولغاچقا، ئۇ پراباسنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالمايدۇ ئەلۋەتتە!

    بۇ فىلىم 2018-يىلى قويۇلىدۇ. 


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ