ئوتتۇرا شەرق خان جەمەتىدىكى 9 چوڭ ساھىبجامال
    يوللانغان ۋاقتى:2017-08-09 09:14 مەنبەسى: باش خەۋەر تورى

    بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 8-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    نۇرغۇن ئادەم ئوتتۇرا شەرق ئاياللىرىنى بۇرۇنقىدەك ھالەتتە دەپ پەرەز قىلىدۇ. بىراق، ھازىر ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. تۆۋەندە بىز ئوتتۇرا شەرقتە تەسىر كۈچى زور بىر نەچچە ئايال بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

    1. رانىيا ئەل ئابدۇللاھ (Rania Al-Abdullah): ئۇ ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ IIنىڭ ئايالى، شاھزادە ھۈسەيىننىڭ ئانىسى. ئۇ ئوتتۇرا شەرق ئاياللىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ئەنئەنىۋىي كىيىنىش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان.

    2. ئامىرا ئەل تاۋىل (Ameera Al-Taweel): سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ مەلىكىسى دۆلىتىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئويلىغانلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزى خالىغان ئۇسۇل بويىچە ياشىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئۇ ئامېرىكىدا ئوقۇغان بولۇپ، ماشىنا ھەيدىيەلەيدۇ. ئۇ يەنە يولدىشى بىلەنمۇ ئاجرىشىپ كەتكەن.

    3. دىنا ئابدۇلئەزىز ئەلسەئۇد (Deena Abdulaziz al Saud): ئۇ ئىسرائىلىيە رايونىدىكى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە مەلىكە. ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر مودا، نەپس مەھسۇلاتلار دۇكىنى بار بولۇپ، 2016-يىلى Vogueنىڭ ئەرەبچە نۇسخسىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىدى. ئۇ مودا دۇنياسىدىكى ھەرخىل كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا، يەنە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بولۇشنى، 3 بالىسىغا ھەمرا بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    4. موزا بىنت ناسېر (Moza bint Nasser): موزا قاتار سابىق پادىشاھىنىڭ 2-ئايالى، ھازىرقى قاتار پادىشاھىنىڭ ئانىسى. ئۇ قاتاردىكى مائارىپ فوندى جەمئىيىتى، ئىلىم-پەن ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكلىگۈچىسى، شۇنداقلا ب د ت مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى. ئۇ قاتارنى 2-كىرىمنىي جىلغىسىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    5. ھايا بىنت ھۈسەين (Haya bint Hussein): ئۇ ھازىرقى ئىيوردانىيە پادىشاھىنىڭ سىڭلىسى، دۇبەي خەلىپىسى شەيخ مۇھەممەد بىن رەشىد ئەل مەكتۇمنىڭ ئايالى. ئۇ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان بولۇپ، ب د ت نىڭ تىنچلىق ئەلچىسى.

    6. لالە سالما (Lalla Salma): ئۇ ماراكەش خانى مۇھەممەد VIنىڭ ئايالى. ئۇنىڭ قىزىل چاچلىرى تولىمۇ چىرايلىق. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى ئۇ سىستېما قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

    7. فاتىمە كۇلسۇم زوھار (Fathima Kulsum Zohar): سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولغان فاتىمە ئاممىۋىي سورۇنلارغا ئانچە كۆپ چىقمايدۇ.

    8. مائىسا بىنت مۇھەممەد بىن رەشىد ئەل مەكتۇم (Maitha bint Mohammed bin Rashid Al Maktoum): مائىسا دۇبەي خەلىپىسىنىڭ قىزى. ئۇ تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، دۆلەتلىك قۇرۇق قول ئېلىشىش كوماندىسىنىڭ باشلىقى، نۇرغۇن مەستانىسى بار.

    9. دانا ئەل خەلىفە (Dana Al Khalifa): ئۇ مودا ساھەسىگە قىزىقىدىغان بولۇپ، تورلاردا قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۈز مىجەزىگە نۇرغۇن ئايال ھەۋەس قىلىدۇ.


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ