بەك چىرايلىق بولغانلىقتىن مەكتەپتە بوزەك قىلىنىپ ئوقۇشتىن چېكىنگەن قىز مودېلغا ئايلاندى
    يوللانغان ۋاقتى:2017-08-09 09:33 مەنبەسى: باش خەۋەر تورى


    بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 8-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    بۇ ئامېرىكىلىق قىز 1997-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا چىرايلىق بولغاچقا مەكتەپتە دائىم ساۋاقداشلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغانىدى.

    ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭكىگە، چىرايى ئاسىيالىقلارنىڭكىگە ئوخشاش گۈزەل ۋە جەلپكار.

    بىراق، ئۇ چىرايلىق بولغانلىقتىن باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەسەت ۋە بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ ئامالسىز ئوقۇشتىن چېكىندى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئوقۇشتىن چېكىنىش بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.

    ئۇ مەكتەپكە بارمىغانلىقتىن بىكار ۋاقىتلىرىدا مۇزىكا چېلىشنى ئۆگەندى، ناخشا تېكىستى ئىجاد قىلدى. يەنە تېخى ياخشىراق چىققان ئەسەرلىرىنى تورلاردا ئېلان قىلدى.

    كېيىنچە ئۇ نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ جەرياندا ئۇ تېخى بىر مودېللىق شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىدى.


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ