بوللىۋودتىكى بەختلىك بىر جۈپلەردىن قايسىسىنى ياقتۇرىسىز؟
    يوللانغان ۋاقتى:2017-08-09 09:23 مەنبەسى: باش خەۋەر تورى


    بىز ئىزچىل كاجولنى شاھرۇھ خان بىلەن تولىمۇ ماس كېلىدۇ دەپ قارايمىز. چۈنكى شاھرۇھ خاننىڭ مۇھەببەتلىك بېقىشلىرى، كاجولنىڭ شوخ ھەم ئوماق قىلىقلىرىغا، كۆزلىرىنى ئوينىتىشلىرى، قوشۇما قاشلىرىنى ئېتىشلىرىغا ئاجايىب ماس كەلگەنكى، ئۇلار ھىندىستان تارىخىدىكى «راھۇل-ئەنجىلى» دەپ داڭلىق بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار ئوبرازىنى ياراتقان. ئەپسۇس، شاھرۇھ خاننىڭمۇ ئۆزىنىڭ بەختلىك ئائىلىسى ئوماق پەرزەنتلىرى، كاجولنىڭمۇ كېلىشكەن يولدىشى ھەم ئىللىق ئائىلىسى بار. قېنى ئۇنداقتا بىز مۇشۇ بىر جۈپلەرنىڭ بەختلىك ئائىلىسى ھەققىدە سۆزلەپ باقايلى:

    شاھرۇھ خان بىلەن گورى خان

    بوللىۋودنىڭ رومانتىكا شاھى شاھرۇھ خان بىلەن ئايالى گورى خان بەئەينى «تەڭرى قوشقان بىر جۈپلەر»نىڭ ئۆزى. ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا 25 يىل بولدى. شاھرۇھ خان ئايالى بىلەن نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، كەسپىي جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بوللىۋودنىڭ گۆھىرىگە ئايلانغان. بۇ بىر جۈپلەرنىڭ مەڭگۈ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.

    ئاجەي دېۋگان بىلەن كاجول

    ئاجەي دېۋگان بىلەن كاجول بوللىۋود ساھەسىدە ھېچقانداق سۆز-چۆچەككە قالمىغان، پەقەت مەستانىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپلا كەلگەن بەختلىك بىر جۈپلەردىن. ئۇلار بىر-بىرىنى كەسپ جەھەتتىن قوللاپ، ئائىلىدە ھۆرمەت ۋە ئىززەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. ئۇلارغا بەخت تىلىمەي تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە.

    ئابشېك باچچان بىلەن ئاشۋارىيا راي باچچان

    ئەسلى ھېچكىممۇ ئاشۋارىيانىڭ ئابشېك باچچان بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان. «Dhoom»دا ھەمكارلىشىپ رول ئالغاندىن كېيىن، تاراتقۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلاپ، ھەتتا پات ئارىدا توي قىلىدىغانلىقىمۇ ئېيتقان. بۇنىڭدىن پۈتۈن ھىندىستان خەلقى شۇنداقلا ئاشۋارىيانىڭ بارلىق مەستانىلىرى ھەيران قېلىشقان. ئۇلار تويدىن كېيىن ھەرقانداق سورۇنغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، ھەقىقىي ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلدى.

    ئامىر خان بىلەن كىرەن

    گەرچە بۇ بىر جۈپ قايتا نىكاھلىنىپ بىر يەرگە كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار بەرىبىر ئەڭ بەختلىك ھېسابلىنىدۇ. ئىككىيلەن بىر-بىرىنى ھەر تەرەپتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. بىز ئامىر خاننىڭ مەستانىسى بولۇش سۈپىتىمزى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى «ئىلمىي» دىئالوگلار ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ يېتەلەيمىز. ئۇلارنىڭ ئىككى ئوماق شاھزادىسىگە شۇنداقلا ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمىز.

    سەيف ئەلى خان بىلەن كارېننا كاپور

    مۇھەببەتلىك تۇرمۇش قاينىمىدا قىزغىن ياشاۋاتقان بۇ بىر جۈپلەر ھەرقانداق مۇراسىم سورۇنلارغا بىرلىكتە قاتنىشىدۇ. سەيف ئەلى خان ھەردائىم ئايالى كارېننانى قوغدايدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمىنى قولىغا چەكتۈرىۋالغان. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئايالىنى قانچىلىك دەرىجىدە سۆيىدىغانلىقىنى ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. 

    ئاكشاي كۇمار بىلەن تۋىنكلې كاننا

    بۇ بىر جۈپنىڭ تۇرمۇش قۇرغىنىغىمۇ خېلى ئۇزۇن يىللار بولدى، ئۇلارنىڭ بېشىدىنمۇ جىق ئىسسىق-سوغۇق ئۆتتى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئاكشاي كۇمار بىر قانچە ئايال چولپانلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىپ ئائىلىسىگە دەز كەتكۈزۈپ قويغىلى تاس قالغان. ئەمما، ھامىنى ئۆز ئايالى ۋە ئائىلىسىنى قەدىرلەشنى ئۈستۈن كۆرۈپ، ئايالىنى تاللاپ بەختلىك تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرغان.

    رىتېش دېشمۇك بىلەن گېنېليا دسوزا

    ئۇلار بوللىۋودتىكى ئەڭ ئوماق ئەر-ئاياللار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار 9 يىل مۇھەببەتلىشىپ ئاخىرى 2012-يىلى مېۋىسىنى كۆرگەن. 


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ