پاكىستاندىكى 10 چوڭ ساھىبجامال
    يوللانغان ۋاقتى:2017-08-09 09:32 مەنبەسى: باش خەۋەر تورى


    بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    10. Annie Khalid

    1986-يىل 27-ئىيۇن، پاكىستان لاھوردا تۇغۇلغان مودېل ۋە مۇزىكانت. ئۇنىڭ «Mahiya» ناملىق ناخشىسى پۈتكۈل جەنۇبىي ئاسىيادا مودىغا ئايلانغان. ئۇ 2010-يىلى تۇنجى قېتىم ئەنگلىيەدىكى داڭلىق DJ Jules بىلەن ھەمكارلىشىپ «Be My Baby» ناملىق ناخشىنى تارقاتقان. ئۇ يەنە A1نىڭ مۇزىكا ئەترىتى بىلەن ھەمكارىلىشىپ «ust 3 Words»نى ئېيتقان.

    9. Humaima Malick

    1987-يىل 18-نويابىر تۇغۇلغان پاكىستان ئايال ئارتىسى ھەمدە مودېل. ئۇ ئاساسلىقى پاكىستان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھەمدە كىنولىرىدا رول ئالغان. ئۇ 2014-يىلى ھىندىستان بوللىۋودتا سۈرەتكە ئېلىنغان تۇنجى بوللىۋود كىنوسى «Raja Natwarlal»دا ئەر باش پېرسوناژ Emraan Hashmiنىڭ مۇھەببىتىنىڭ رولىنى ئالغان. بۇنىڭ ئارىسىدا، ئۇنىڭ ئەر باش پېرسوناژ بىلەن سۆيىشىدىغان كۆرۈنۈشى پاكىستاندىكى مۇتەئەسسىپ زاتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

    8. Mahnoor Baloch

    1970-يىل 14-ئىيۇل تۇغۇلغان مودېل، ئايال ئارتىس ۋە رېژىسسور. ئۇ كەسپي مودېل بولۇپ، گۈزەللىكى ۋە خاس مىجەزى بىلەن ئۇتۇق قازانغان. 1993-يىلى «Maarvi» ناملىق كىنودا رول ئالغان. 

    7. Syra Yousuf

    پاكىستان مودېلى ۋە ئارتىس. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «Mera Naseeb» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بار. ئۇنىڭ يېقىملىق ئوبرازى نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنى جەلب قىلغان. كېيىن ئۇ كەسپ ئۆزگەرتىپ لايىھەلىگۈچى بولدى.

    6. Iman Ali

    1977-يىل 19-دېكابىر پاكىستاننىڭ لاھوردا تۇغۇلغان. ئارتىس ۋە مودېل. ئۇ سىنگاپورلۇق لايىھەلىگۈچىسى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇ يەنە پاكسىتاندىكى ئەڭ بازارلىق «Suneet Varma» گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى. ئۇ يەنە خېلى كۆپ تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرىدا رول ئالغان.

    5. Sara Loren

    1986-يىل 11-دېكابىر تۇغۇلغان ئارتىس ۋە مودېل. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى موانا لىززا. ئۇ ئىزچىل بوللىۋودنىڭ ئايال باش پېرسوناژى بولۇپ، كۇۋەيتتە تۇغۇلغان. 2003-يىلدىن باشلاپ، «Rabia Zinda Rahegi» ناملىق كىنودا رول ئالغان. ئۇ يەنە دائىم تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرىغا قاتنىشىدۇ.

    4. Aisha Linnea Akhtar

    بىر ئۇتۇق قازانغان ئايال ئارتىس. 2010-يىلى «Slackistan» ناملىق كىنوغا قاتنىشىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەن. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيىدىغان ئايال ئارتىسنىڭ تېلېۋىزىيەدىكى خىزمىتى بىر قەدەر ئاز بولغاچقا، كەسپىي ھايات يۆنىلىشىنى مودېللىققا قارىتىپ 2012-يىلى توي قىلدى.

    3. Mehwish Hayat

    بىر ناخشىچى مودېل ۋە ئايال ئارتىس. ئۇ 2009-يىلى «Bint-e-Muryum» ناملىق قىسقا فىلىمگە قاتنىشىپ، يەنە نۇرغۇنلىغان كىنولاردا باش رول ئالغان.

    2. Saba Qamar

    كىلاسسىك، لاتاپەتلىك تېلېۋىزىيە ئارتىسى. ئۇ ئىزچىل ئەڭ ياخشى ئارتىسلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئۆز نۆۋىتىدە خېلى كۆپ ماركىلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان.

    1. Mahira Khan

    1982-يىل 21-دېكابىر پاكىستاندا تۇغۇلغان ئايال ئارتىس ھەمدە مودېل. ئاساسلىقى ھازىرقى پاكىستان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھەمدە كىنولىرىدا رول ئالىدۇ. ئۇ 2010-يىلى «Humsafar» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتنىشىپ، پاكىستان تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى كۆرۈش نىسبىتىگە ئېرىشكەن ئايال شەرىپىگە ئېرىشكەن.


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ