شاھرۇھ خاننىڭ يېڭى كىنوسى ھىندىستاندا ياخشى نەتىجە يارىتالمىدى، چەتئەلدە ئالقىشلاندى
    يوللانغان ۋاقتى:2017-08-09 09:16 مەنبەسى: تور دۇنياسى


    شاھرۇھ خان ۋە ئانۇشكا شارما باش رول ئالغان فىلىم «Jab Harry Met Sejal» ئۆتكەن جۈمە  پۈتۈن دۇنيادا تۇنجى قويۇلدى. گەرچە بۇ فىلىمدە ئەڭ داڭلىق چولپانلار رول ئالغان بولسىمۇ لېكىن فىلىمنىڭ بېلەت كىرىم نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. بازار ئانالىزىدىن ئىگەللىنىشىچە، بۇ فىلىم چوڭ شەھەرلەردە ئالقىشلانغان لېكىن باشقا جايلاردا ياخشى بېلەت كىرىمى يارىتالمىغان. فىلىمنىڭ ئاساسلىق بېلەت كىرىمى بومباي، دېھلى، بانگالور ۋە پۇنېدىن كەلگەن.

    بۇ فىلىم دۈشەنبە كۈنى 60-70 مىليون رۇپىيە ئەتراپىدا كىرىم قىلغان، بۇنىڭ بىلەن فىلىم جۇغلانما بېلەت كىرىمى 870 مىليون رۇپىيە ئەتراپىدا بولغان. گەرچە بۇ نەتىجە يېقىننىڭ قويۇلغان نۇرغۇن فىلىملەرنىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمىدىن يۇقىرى بولسىمۇ لېكىن بۇ فىلىمدە رول ئالغان شاھرۇھ خان ۋە ئانۇشكا شارماغا نىسبەتەن تۆۋەن.

    چەتئەل بازارلىدىن قارىغاندا، فىلىم ناھايىتى ياخشى ئالقىشلانغان، ھازىر بۇ فىلىم شاھرۇھ خاننىڭ يىل بېشىدا قويۇلغان فىلىمى «Raees»نى يېڭىپ، 2017-يىلىدىن بۇيانقى چەتئەل بازارلىرىدا تۇنجى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى ئەڭ ياخشى بولغان ھىندىستان فىلىمىغا ئايلاندى. بۇ ئاساسلىق «Raees»نىڭ پاكىستاندا قويۇلمىغانلىدىن بولغان، «خاررى سېجالنى ئۇچراتقاندا» سالمان خانىڭ روزا ھېيتتىكى كىنوسى «سۇلتان»دىن قالسىلا 2017-يىلى پاكىستاندىكى تۇنجى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى فىلىم. 

    گەرچە بۇ فىلىم چەت ئەل بازارلىرىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ لېكىن بۇ كىنو شاھرۇھ خاننىڭ كىنوسى بولغاندىن كېيىن ئەسلىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشسە بولاتتى. ھازىر بۇ فىلىم تارىختىن بۇيان چەتئەل بازارلىرىدىكى تۇنجى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى 10-فىلىم، دەم ئېلىش كۈنى قويۇلمىغان تۇنجى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى فىلىم. ھازىرچە «خاررى سېجالنى ئۇچراتقاندا»ئەنگلىيەدە 500 مىڭ دوللار، ئامېرىكىدا 300 مىڭ دوللار، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا 2 مىليون 300 مىڭ دوللار، ئاۋسترالىيەدە 350 مىڭ دوللار، پاكىستاندا 650 مىڭ دوللار بېلەت كىرىمى ياراتتى.  



     


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ