2018-يىلى دېپىكا ۋە ئانۇشكا بېلەت كىرىمىدە توقۇنۇشىدۇ
    يوللانغان ۋاقتى:2017-08-09 09:02 مەنبەسى: تور دۇنياسى


    دېپىكا پادۇكون ۋە ئانۇشكا شارما ھازىر بوللىۋودتىكى ئەڭ داڭلىق ئىككى ئايال چولپان، بۇ ئىككى چولپان 2018-يىلى بېلەت كىرىمىدە قاتتىق توقۇنۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار باش رول ئالغان ئىككى فىلىمنىڭ ئوخشاش كۈندە قويۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئانۇشكا شارما بىلەن ۋاردۇن داۋان باش رول ئالغان فىلىم «Sui Dhaga» ۋە دېپىكا پادۇكون بىلەن ئىرفان خان باش رول ئالىدىغان، قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى ساپنا دىدىنىڭ ھاياتىغا ئاساسەن ئىشلىندىىغان، تېخى ئىسىم قويۇلمىغان فىلىم ھازىرچە كېلەر يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

    خەۋەرنى ئاشكارىلىغۇچى:«ھەربىر ئارتىس ئۆزىنىڭ فىلىمى قويۇلىدىغان ئامراق بايرىمى بولغاندەك، ۋىشال (دېپىكانىڭ كىنوسىنىڭ رېژىسسورى) فىلىملىرىنىڭ گەندى خاتىرە كۈنىدە قويۇلۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ياش راج شىركىتى ئاللىقاچان «Sui Dhaga»نىڭ 23-سېنتەبىر قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بولغان، بۇنىڭ بىلەن دپېىكا بىلەن ئانۇشكا ئوتتۇرىسىدا فىلىم بېلەت كىرىمى رىقابىتى پەيدا بولىدۇ» دېدى. 

     


     


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ