كونا دوستلار كاران جوھار بىلەن كاجول يارىشىپ قالدى
    يوللانغان ۋاقتى:2017-08-09 09:22 مەنبەسى: تور دۇنياسى


    خۇددى كىشىلەر دائىم ئېيتىدىغاندەك:« بوللىۋودتا ھېچقانداق نەرسە مەڭگۈلۈك ئەمەس»! كاران جوھار ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا كاجول ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ئاجەي بىلەن بولغان قاتتىق ئاداۋەتنى ئاشكارا تىلغا ئالغان. كاراننىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇ ئاجەينىڭ تېلېفون ئۇرۇپ ھاقارەتلىشىگە ئۇچرىغان.

    كاران يەنە بۇ توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كاجولنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدىغانلىقىنى، بۇ 20 يىللىق دوستىنىڭ ئەمدى مەڭگۈ ھاياتىغا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ھازىر قارىغاندا، كاران بىلەن كاجول قايتا يارىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.


    قېرىنداشلار بايرىمى كۈنى، كاران ئىنستاگرامدا ئۆزىنىڭ قوشكېزەكلىرىنىڭ تۇنجى سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، كاجولمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بۇ ئوماقلارنىڭ سۈرىتىگە يۈرەك بېرىشتىن ئۆزىنى تارتىپ تۇرالمىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ كىشىلەر كاران جوھارنىڭ ئىنستاگرامدا كاجولغا ئەگەشكەنلىكىنى كۆرگەن. بۇلا ئەمەس، بۇ كونا دوستلار رەسمىي يارىشىپ قالغان، تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئەسلىدە كاجول ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە كاراننى تەكلىپ قىلغان، ئۇ كارانغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكەن، كارانمۇ ئۇچۇرنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغاندىن كېيىن كاجولنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلغان، تۇغۇلغان كۈن نەق مەيدانىدا كىشىلەر كاجولنىڭ كاران بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە قىزغىن پاراڭلاشقانلىنى كۆرگەن.

    ئىلگىرى تەرجىمىھالىدا كاران:«مېنىڭ ئەمدى كاجول بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق، بىز سوقۇشۇپ قالدۇق، مەلۇم ئىش مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئىنتايىن يېرىم قىلدى، مەن كاجول بىلەن <بولدى، كونا گەپنى قىلىشمايلى> دېيەلمەيمەن، ئەمەلىيەتتە بۇ كاجول بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمدىكى ئىش ئەمەس ئىدى، بۇ مەن ۋە ئاجەينىڭ ئوتتۇرىدىكى ئىش، بۇ پەقەت كاجول، ئاجەي ۋە مەن بىلىدىغان ئىش. مەن مۇشۇنچىلىك دېيەلەيمەن، ئارتۇق ئاشكارىلىيالمايمەن. لېكىن كاجول مەندىن ئەپۇ سورىشى كېرەك» دېگەن.

    كاجول بولسا زىيارەت قوبۇل قىلغاندا بۇ توغرىسىدا باھا بېرىشنى رەت قىلغان. 

    كاجول بىلەن كاران جوھار داڭلىق فىلىم «كېلىن يۆتكەش»تە تۇنجى ھەمكارلاشقان، كاران نەۋرە ئاكىسى ئادىتيا چوپرا رېژىسسورلۇق قىلغان بۇ فىلىمدە قوشۇمچە رول ئالغان بولۇپ، فىلمدە شاھرۇھ خان كاجولنىڭ ئىپادىسىدىن قاتتىق ھاياجانلانغان كاران رېژىسسور بولۇشنى قارار قىلغان، تۇنجى فىلىمى «بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ»نى يېزىشتىن بۇرۇنلا كاجول بىلەن شاھرۇھ خاننى كىنوغا تاللاپ بولغان، ئۇنىڭ كېيىنكى فىلىملىرى «شادلىققا يوشۇرۇلغان قايغۇ»، «مېنىڭ ئىسىم خان»، «مەڭگۈ ئايرىلالماسلىق» قاتارلىق فىلىملىرىدە كاجول باش رول ئالغان ياكى مېھمان رول ئالغان.


كودنى سىكاننىرلاپ يانفوندا كۈرۈڭ
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ